8 دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا نىيەت قىلدى. شۇڭا ئۇ ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت سورىدى.
رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.
بىراق، بىر كىشى بېسىم ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىققا قارار قىلغان بولسا ھەمدە شەھۋىتىنى بېسىۋالالايدىغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ.
كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار، خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار.
قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.
پادىشاھ ئۇلارغا ھەر كۈنى ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ، ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.
بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىلەر ئىلاھلىرىڭلارغا قۇربانلىق ياغلارنى سۇندۇڭلار، شاراب ھەدىيە قىلدىڭلار. ئۇنداقتا ئۇلار كېلىپ، سىلەرگە ياردەم قىلسۇن، ئۇلار سىلەرنى قوغدىسۇن!
پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.
پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.
پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە ئىشتەي ساقلىما، ئالدامچىلىق يوشۇرۇلغاندۇر بەلكى ئۇلاردا.
ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.