Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 1:6
10 Referans Kwoze  

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


- دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)


ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.


- «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن.


سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن. ‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.


پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى.


ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا: _ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟


پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite