21 دانىيال بابىلدا پادىشاھ كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە تۇرۇپ قالدى.
دانىيال دارىئوس پادىشاھنىڭ زامانىدا ۋە پېرسىيەلىك كورەش پادىشاھ بولغان زاماندا مەرتىۋىلىك ياشىدى.
پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.
پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:
«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى.