20 پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە: _ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
مېنى توختىماي ھاقارەت قىلدىڭلار، خورلىغانلىقىڭلاردىن نومۇس قىلمىدىڭلار.
دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار كېلىپ، بىزنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى!» دېيىشتى.
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
بىراق مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، مىسىر زېمىنىدا پاقا پەيدا قىلدى.
بىراق پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىرى ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى رەت قىلدى
تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
لېكىن ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمىدى.
ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ سوۋغاتلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي.
ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.
بۇ ئەمر پۈتۈن خەلققە ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىلدى.
ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.
سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن. ‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.
خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.