Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 1:17
36 Referans Kwoze  

ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.


لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى ئىنساندىكى روھتۇر، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.


شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»


شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.


چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.


لېكىن، مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.


پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.


سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن. ‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.


زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.


ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.


مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى: تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى.


شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،


چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.


خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟


پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.


مەن دانىيال پادىشاھ بېلشاززارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم.


ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە دانا ئىكەنسەن.


مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.


پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى.


پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.


بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.


مەن بابىلدىكى بارلىق سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite