15 ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرقى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ ساغلام ۋە بەستىلىك بولۇپ كۆرۈندى.
سىلەر پەقەت ماڭىلا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېمەك-ئىچمەكلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، سىلەرنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالى قىلىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.
بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.
سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار.
سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.
قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.
قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى.