9 سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
رەببىمىز يولىدا مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.