7 رەببىمىز يولىدا مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
تىكىكۇسنى ئەفەس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى.
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن.
سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.
مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر.
سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.