2 دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:
ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.
مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.
دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.
شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.
پەخەس بولۇڭلار، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر.
مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن.
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.
ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن.
ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
سەن خۇدادىن ئەيمەنمىدىڭ، ئۇنى سېغىنغانلارغا توسقۇنلۇق قىلدىڭ.
ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى.