13 ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن ھەمدە لائودىكىيا ۋە ھېيراپولىس شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا سىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىمەن.
مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن.
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.
ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن.
شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان.