Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 4:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 4:12
30 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.


شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا،


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.


سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن.


مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.


قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر.


ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.


بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛


كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.


شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار.


شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.


خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.


بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.


ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.


ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى، سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى.


بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.


سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.


شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite