Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 3:7
7 Referans Kwoze  

ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى.


بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite