25 مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يامان ئىش قىلسا، قىلغان يامان ئىشىغا يارىشا خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.
چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.
بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ.
سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.
ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق ۋە پارىخورلۇق قىلىشقا يول قويمايدۇ.
يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم.
پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.
ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى: - ئۇستاز، بىزگە مەلۇمكى، سىزنىڭ تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەق، شۇنىڭدەك سىز يۈز-خاتىر قىلماي، ھامان خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز.
شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»
ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.
بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.
ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار.
بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز.
ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن.
ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ.
خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.