Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 3:16
62 Referans Kwoze  

نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.


سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.


سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.


ئېتىقاد خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ؛ خۇش خەۋەر بولسا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر.


بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،


مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي!


ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.


چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ.


سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.


شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر.


شۇڭا، ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار.


قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.


ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.


سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم، شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم.


قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى.


قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.


ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ


بۇرۇن داۋۇت پادىشاھ ۋە ئاسافنىڭ زامانىسىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ئادىتى بار ئىدى.


پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.


ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.


ئەزىز بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار. ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك، خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ، شەيتان ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار.


بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.


بىراق، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.


شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار.


ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بۇنداق تىلدا سۆزلەش بىلەن، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن دۇئا قىلسۇن. شۇنداقلا، ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.


ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.


زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.


چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا.


يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا، پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا.


قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.


ئۇلار ۋە قېرىنداشلىرى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە كەسپىي نەغمىچىلەر بولۇپ، جەمئىي 288 كىشى ئىدى.


ئۇلار نامراتلاردىن ئادالەتنى تارتىۋالدى. خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئۇلار تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.


شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم! خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،


بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر، نەزمىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر.


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.


رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر سىلەردىن باشلىنىپ، ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. بىز ئۇ يەرلەرگە بارغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلاردىن ئاللىقاچان خەۋىرى بارلىقىنى ئۇقتۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite