10 يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.
بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار.
بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.
بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.
مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.
ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ.
سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.
لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.
مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.
سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟
بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى.
ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ تېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۈچىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىنسان قىلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ئىناقلاشتۇرۇشتۇر.
خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.
قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.
چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار.
ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.
ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر.
ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.
مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم. ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى.
تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: خۇدا ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.
شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا.
ئېتىقادىڭ سەۋەبلىك خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغانلارنى باشقىلار بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭ، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزدىن بىزگە بېرىلگەن بەختلەرنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسەن.