9 خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر.
خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر.
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!
شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.
بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.
مۇقەددەس روھ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى.
ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار.
ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان «ئىبادەتخانا» ئۇنىڭ ئۆز تېنى ئىدى.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!
ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.