كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن. Gade chapit la |
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.