Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2:3
21 Referans Kwoze  

ھالبۇكى، مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقى، دەپ بىلىدۇ.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.


خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى چەكسىز ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇرۇپ،


بىراق، بۇنداقلاردىن قورقماڭلار. چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»


ئۇ پىنھاندۇر، مەخلۇقاتلار كۆرەلمەس، يوشۇرۇندۇر، ئاسماندىكى قۇشلار بايقىيالماس.


چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر.


خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى


پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.


پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.


پەرۋەردىگار كىمدىن يوليورۇق سورايدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئادالەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا پاراسەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.»


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.


شۇڭا، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite