Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2:18
42 Referans Kwoze  

ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.


ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.


روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان دىنلاردىكى مۇنداق تەقۋادارلىق، ساختا كەمتەرلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.


مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.


بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.


خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ياراتقۇچى خۇداغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، شۇلارنى مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن!


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا.


سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم.


يەنى، خۇدا ئەيسا مەسھ ئارقىلىق مېنى چاقىرىپ، ئەرشتە مەن ئۈچۈن تەييارلىغان ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن.


بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.


ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.


ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ.


چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.


پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.


ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر.


ھېچكىمنىڭ سىلەرنى چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ.


يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك.


ئاراڭلاردا بەزىلەر مېنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.


چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.


«مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟


سىرلار پەرۋەردىگارىمىز خۇداغىلا خاستۇر. لېكىن سىر ئەمەسلىرى، يەنى بۇ قانۇن بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا مەڭگۈ تەۋەدۇر. بىز بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. مېنىڭ مەقسىتىم، سىلەرنىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختانماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.


رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەمدى خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلاردەك ئەرزىمەس ئوي-پىكىرلەر بويىچە ياشىماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite