Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:7
19 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا،


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


رەببىمىز يولىدا مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.


خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى.


سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن.


مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر.


ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم.


بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر.


بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بار بولغانلىقتىن، بىر-بىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.


خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر.


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.


خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.


- كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.


لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر.


بۇ چاكارمۇ يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ.


سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite