Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان. ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئايان قىلىندى.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:26
11 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.


ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى.


ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ.


خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.


مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن كەلگەن تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشىپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.


بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.


«بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite