Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:24
21 Referans Kwoze  

بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،


شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر.


مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش


سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.


شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى


قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار.


ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.


ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.


شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.


خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.


دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر.


قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.


سىلەر ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟


- قوبۇل قىلالايمىز، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە ئورتاق بولىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite