20 ھەمدە ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ سۆيۈندى.
خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.
شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.
شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق.
شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،
كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ:
«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»
لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.
ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز.
ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.