Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،

Gade chapit la Kopi




كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1:11
26 Referans Kwoze  

خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي.


مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.


ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان خەلق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى لازىم.


بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى،


ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەت تاپتى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، شۇڭا سەن تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.


ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ.


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ، سەن ئاجىزسەن.


مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام.


قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite