Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئاموس 9:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.

Gade chapit la Kopi




ئاموس 9:2
15 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


لېكىن سەن بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭمۇ، مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم.


سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


ئۆلۈكلەر ماكانى خۇدانىڭ ئالدىدا ناماياندۇر، گۆر ئاشكارىدۇر.


گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ، بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ،


رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.


ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.


بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ياقىسىدىكى باشقا دەرەخلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇتقا تاقاشقۇدەك ئېگىز ئۆسمەيدۇ. سۇ مەنبەسى تولۇق بولغان دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭدەك يوغىنىمايدۇ، ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇپ، گۆرگە بەند بولىدۇ.›


بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟


خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite