Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 9:8
10 Referans Kwoze  

ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا، يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى.


شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسىرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! - دېدى. شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى.


ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟


ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.


ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەن سائۇلنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمىدى.


دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.


ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارماي، ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم، كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite