ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 9:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن. Gade chapit la |
تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدىن رازى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلاتتىم. لېكىن، تەۋرات قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم بىلەنلا، ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ۋە روھىي جەھەتتە ئۆلگەنلىكىمنى ئېنىق بىلدىم. تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنى ھاياتلىققا يېتەكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ قانۇنغا بويسۇنالمايدىغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.