25 شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كۈنگۈرىدىن ئارتىلدۇرۇپ چۈشۈردى.
لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم.
سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ،
ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى.
سائۇلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق، بىرى ئۇلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى.
سائۇل يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى.
بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.