ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 9:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 لېكىن، سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى.