18 شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسىرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللارنىڭ ئەقلى بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار تاكى بۈگۈنگىچە كونا ئەھدە، يەنى تەۋراتنى ئوقۇغىنىدا، ئەقلى گويا شۇ چۈمپەردە بىلەن يېپىۋېلىنغاندەك تۇرماقتا. چۈنكى، بۇ چۈمپەردە پەقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىقلا ئېلىۋېتىلىدۇ.
شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى.
پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.
سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.
تاماق يېگەندىن كېيىن، جىسمانىي قۇۋۋىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى. سائۇل دەمەشقتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە
ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم.