14 ھازىر ئۇ دەمەشققە كېلىپ، ساڭا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالىي روھانىيلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ.
ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى.
ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ: - ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! - دەپ ۋارقىرىدى.
شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە.
شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى.
مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.