11 رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.
- ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! - دېدى پاۋلۇس.
ئېتىقادچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.
كېيىن، بارنابا تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ بېرىپ،
كورنىلىي بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل،
شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى.
پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.Œ»
مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.