Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:9
20 Referans Kwoze  

ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.


ئۆتكەندە، ھېلىقى ئەبلەخ تەۋداس ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ۋەقە چىقاردى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم ئەگەشكەنىدى. بىراق، ئۇ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئىشى يوققا چىقتى.


ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق سۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە ھەقسىزلىق يوقتۇر.


ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سېھىرگەرلىكى بىلەن خالايىقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى.


بىراق پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىرى ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى رەت قىلدى


پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.


پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ.


ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى.


لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite