7 جىنلار ئۆزلىرى چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىن قاتتىق ۋارقىرىغان پېتى چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.
يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.
ھېلىقى يەتمىش ئىككى شاگىرت خۇشال-خۇرام ھالدا قايتىپ كېلىپ: - ئى رەببىمىز! بىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن بۇيرۇق قىلغانىدۇق، ھەتتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇنۇپ، چىقىپ كېتىشتى! - دەپ مەلۇم قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن، جىن بىر پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى «ئۆلدى!» دېيىشتى.
«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.
كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى.