Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:4
8 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.


ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.


ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان.


لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite