Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئەمەلدار ئۇنىڭغا: - بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! - دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:31
20 Referans Kwoze  

لېكىن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىلتىجا قىلسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغانلار ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇ توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر بولمىسا، كىشىلەر قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟


ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار.


سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى.


زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.


چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.


ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، ئەجەبا مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىرگە ئەمەسمۇ؟ ھازىر پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟


شۇنىڭ بىلەن نائامان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى.


فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: - ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.


ئەمەلدار يازمىنىڭ مۇنۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا ئېلىپ بېرىلغان قويدەك، قوي قىرقىغۇچى ئالدىدا ياتقان پاقلاندەك ئۈن-تىن چىقارماي جىم تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite