Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 مۇقەددەس روھ فىلىپقا: - ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭ، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:29
16 Referans Kwoze  

پېترۇس تېخىچە ھېلىقى غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى.


مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.


مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.


بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: - مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! - دېدى.


بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى.


قايتىش يولىدا ئۆز ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ كېتىپ باراتتى.


فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: - ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.


ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى.


ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:


شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە چۆلدە ئۇنى سىنىغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite