ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيىنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.