Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:15
7 Referans Kwoze  

پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ.


شۇنى يەنە بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككى كىشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.


ئۇلاردىن: - سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


شۇڭا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite