Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. كۆپچىلىك: «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ» دېيىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8:10
12 Referans Kwoze  

كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»


دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتۈن دۇنيا ھەيرانلىق ئىچىدە دىۋىگە ئەگەشتى.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر!


ھالبۇكى، مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقى، دەپ بىلىدۇ.


خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ: - بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! - دېيىشتى.


پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: - خۇدالار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! - دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.


شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.


قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite