ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر مىسال كۆرسىتەي. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىمۇ قوشالمايدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىمۇ ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىدىكى «سېنىڭ ئەۋلادىڭغا» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىنى ئەمەس، يالغۇز بىرسىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.