6 خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇنداق دېد : «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مەلۇم بىر چەت دۆلەتتە مۇساپىرلىقتا تۆت يۈز يىل قۇل بولۇپ خورلۇقتا ياشايدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىبرام، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ ئەلدىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئازاب چېكىدۇ.
شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ ئىبراھىم بىلەن ئالدىن تۈزگەن بۇ ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. دېمەك، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى بىكار قىلالمايدۇ.
سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.
شۇڭا سېنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.