Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:53 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

53 ئەجەب ئىش-ھە! خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:53
10 Referans Kwoze  

پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.


ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.


مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ - دېدى.


خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite