Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى: «ئەي ئىسرائىللار! سىلەر قىرىق يىل جەريانىدا چۆلدە قۇربانلىق قىلغىنىڭلاردا، ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان بۇتلارغا،

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:42
26 Referans Kwoze  

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى.


ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.


ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.


شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن، ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن. چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى، مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»


پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پايدىسىز قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا يول قويدۇم.


مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›


ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى.


ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،


سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار، ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار. مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟ ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟


گەرچە ئەجدادلىرىڭلار قىلغانلىرىمنى ئۇدا قىرىق يىلغىچە كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمنى سىنىغانىدى.


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.


شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite