ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 7:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى41 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.