23 ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى.
پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.
چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ.
ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.
ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.
ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.
پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:
پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.
قەلبى تەسىرلەنگەن ۋە ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساشقا ھەمدە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشتى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يىترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئاق يول تىلىدى.
مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!
ئۇلار پىرئەۋن بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا، مۇسا 80 ياشتا، ھارۇن 83 ياشتا ئىدى.
ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى.