15 ئەجدادىمىز ياقۇپ مىسىرغا بېرىپ، كېيىن ئەۋلادلىرى بىلەن شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.
كېيىن يۈسۈپ ۋە قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى.
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى تاپىلىغاندىن كېيىن، يېتىپلا نەپىسى توختاپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى.
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.
بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.
بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى.
ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا: _ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.
مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى.
ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى، ھامنىڭ زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.