1 باش روھانىي ئىستىپاندىن: - ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ - دەپ سورىدى.
كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: