Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:7
25 Referans Kwoze  

شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى.


لېكىن، خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى.


خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا.


ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.


ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.


بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.


لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى.


ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.


شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.


لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ.


كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى، ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.


ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.


يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى.


لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا باشقا روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ بولغۇچە روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ئۇلارغا ياردەملەشتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى.


ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى.


شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن.


ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئەمدى بولسا ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئېتىقادنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite