Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇلارنى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. ئەلچىلەر ئۇلارنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەش ئۈچۈن، قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:6
14 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن.


لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىللار قوللىرىنى لاۋىيلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن.


- ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئويى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئۆلدى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلىۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغۇچىغا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن.


مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.


بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.


بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ كەتمە، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن.


مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.


دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، مەن ئۇنىڭغا ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەنلا كۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئايان قىلدىم، - دېدى.


پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite